ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسى سايلاندى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسى ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى 6-يانۋار سايلام ئارقىلىق بېكىتىلدى. بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز جەمئىيەتنىڭ يېڭى رەئىسلىكىگە سايلاندى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 2009-يىلى گوللاندىيەدە رەسمىي ئەنگە ئېلىنىپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر سايلام ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، 2024-يىلى 1-يانۋار 6-قېتىملىق سايلام ئۆتكۈزۈلگەن. سايلام ئىچكى سايلام بولۇپ، سايلامغا ئىدارە ۋە مەسلىھەت ھەيئەتتىكى بارلىق ئەزالار تولۇق قاتناشقان. سايلامدا جەمئىيەت رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى سايلاپ چىقىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 7-يانۋار يېڭى سايلانغان مەسئۇللارنىڭ رەسمىي ھالدا ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋېلىش ۋە يېڭى يىللىق پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىدە يېغىن ئۆتكۈزۈلگەن.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تەبرىكنامە ئېلان قىلىپ، ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى ۋە يېڭى ئەزالارنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا سابىق رەئىس ئابدۇراھمان قارىم ۋە ئەستايىدىل خىزمەت قىلىپ كەلگەن سابىق ئەزالارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ۋە تۆھپىلىرى ئۈچۈن تەشكىلات نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4678 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2024 11:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق