مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى سىنلار خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى پاش قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان قېرى–ياش دېمەي قاتتىق سوغۇقتىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەققىدىكى سىنلار خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ئاشكارىلىماقتا.

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل تۈردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سوغۇقتا قېرى-ياش دېمەستىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلماقتا.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم ھەمبەھرىلىگەن بىر قانچە سىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمىنىڭ 67 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر بوۋاينىمۇ قاتتىق سوغۇقتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نازارىتى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. بۇ ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ قىش مەزگىلىدىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

يەنە بىر سىندىمۇ ياشانغانلارنىڭ ئاتالمىش «يېزا–كەنتتىكى يول ۋە ھويلا ئاراملارنى رەتلەش» نامىدا ئىزچىل تۈردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، ھەركۈنى كەچلىكى تۈرلۈك يىغىنلارغا مەجبۇرىي قاتنىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ سىنلار تۈرلۈك جازالار، ئېمبارگولارغا ئۇچرىغان خىتاي رېجىمىنىڭ «ئۇيغۇرلار تىنچ، باياشات كۈن كەچۈرمەكتە» دېگەن يالغان تەشۋىقاتلىرى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3752 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2024 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق