خىتاي «تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەردى» دېگەن باھانە بىلەن، ئامېرىكىنىڭ بەش ھەربىي سانائەت شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 7-يانۋار بايان ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ئەڭ يېڭى قورال-ياراغلارنى سېتىپ بېرىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ۋە شەخسلىرىگە ئىجرا قىلىۋاتقان جازاسىغا قارشى، ئامېرىكىنىڭ بەش ھەربىي سانائىتى شىركىتىگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ مەنبەسى بولۇپ، خىتاي تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، تەيۋەن بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ خىتاي بىلەن باغلانمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. تەيۋەندە 13-يانۋار پىرېزىدېنتلىق ۋە قانۇن پالاتاسى سايلىمى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ سايلامنى ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق ئارىسىدىكى تاللاش، دەپ جار سالماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ئايدا تەيۋەنگە ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان قورال سېتىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ سىستېما تەيۋەننىڭ شۈنئەن سىستېمىسىغا قوماندانلىق قىلىش، كونترول قىلىش، خەۋەرلىشىش ۋە كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ ئۆمرىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىمزا قويغان 12-قېتىملىق تەستىقى ئىكەن. تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى بۇ قېتىملىق قورال سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ تەيۋەننىڭ دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە قوماندانلىق قىلىش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشغا، بىرلەشمە جەڭ قىلىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم قىلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جازالىماقچى بولغان ئامېرىكىنىڭ بەش ھەربىي سانائەت شىركىتى BAE Systems Land and Armament، Alliant Techsystems Operation، AeroVironment قاتارلىقلار ئىكەن. خىتاي بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىدىكەن ۋە خىتايدىكى شەخس ياكى ئورگانلارنىڭ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى چەكلەيدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ