خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشكە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلقنى كوممۇنىزم ئاڭ سىستېمىسى بىلەن تەربىيەلەشتىن باشقا، «سەييارە ئۆگىتىش، تەتقىق قىلىش» قاتارلىق ناملار بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ھەرقانداق تەرىقىدىكى تەربىيەلەشكە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئورگان تور بېتىدە يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2024-يىللىق قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئاتالمىش «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى تۈزەش» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

ئۇقتۇرۇشتا نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەشنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەكلىكى، جايلار مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشكە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەكلىكى، قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، «كۈندىلىك تەكشۈرۈش، كېچىلىك تەكشۈرۈش؛ بىرلەشمە تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، سودا بىناسى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەشنى قاتتىق توسۇش كېرەكلىكى، «ئائىلە مۇلازىمىتى»، «شەخسىي ئوقۇتۇش»، «ساياھەت، تەتقىقات ئۆگىنىشى»، «قىشلىق تەربىيەلەش» قاتارلىق ناملار ئاستىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەربىيەلەشكە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ بەزى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەرىكەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىشىنىڭ نەچچە ھەسسە قاتتىق بولىدىغانلىقىنى، بۇلارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق باستۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىپ كەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاي قايتا كۆتۈرۈپ چىققان ئاتالمىش «سەييارە ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش»كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن ماس قەدەمدە بولغانلىقىنى، خىتاي بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىلمۇ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1366 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2024 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق