بېرمانىڭ شىمالىدىن ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقى خىتاينىڭ يۈننەنگە ئۆلكىسىگە چۈشۈپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى، خىتاي بولسا دەرھال ئېتىراز بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرمانىڭ شىمالىدىكى بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كەسكىن داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بېرمادىن ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقى خاتا ھالدا خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى چېگراغا يېقىن بازارغا چۈشكەن. خىتاي رېجىمى بۇ ھەقتە بېرما تەرەپكە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاي تەرەپ بېرمانىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇش ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. خىتاي قوراللىق توقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان تالاپەتكە قارشى كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يۈننەن ئۆلكىسى جېنكاڭ ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى چارشەنبە كۈنى چەت ئەلدىن ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقىنىڭ ناھىيەنىڭ نەنشەن بازىرىغا چۈشۈپ، يەرلىكتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى دەلىللىگەن. جېنكاڭ ناھىيەسى بېرمانىڭ شىمالىدىكى كوكاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، چېگرا ئۇزۇنلۇقى 96 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
بېرما ھەربىي ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بېرمانىڭ شىمالى چېگرا رايونلىرىدىكى يەرلىك قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پارتلىغان بولۇپ، توقۇنۇش كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ، خىتايغا تەسىر قىلىشقا باشلىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ