سىرىلانكا خىتاي تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىدە كىرىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، خىتاي بۇ مەسىلىدە ھىندىستاننىڭ ئاسترىتتىن قۇتراتقانلىقىنى دەۋا قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سىرىلانكا خىتاينىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى «شياڭياڭخۇڭ 3»نى ئۆزىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىنى چەكلىگەن. ئارقىدىن خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ قارارنىڭ ئارقىسىدا ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىك بېسىمى بارلىقىنى دەۋا قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ «شياڭ ياڭخۇڭ 3» ناملىق ئاتالمىش ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى 5-يانۋار جەنۇبىي ھىندى ئوكياننىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلاشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، سىرىلانكا ھۆكۈمىتى خىتاي پاراخوتلىرىغا بىر يىللىق چەكلەش بۇيرۇقى چىقارغان.
سىرىلانكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى سابرى بۇ قارارنى ئېلان قىلىپ: «ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەل تەتقىقات پاراخوتلىرىنىڭ پورتلىرىنى ئىشلىتىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىش مەسىلىسى بىزنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدار قۇرۇلۇشىمىزغا يول ئېچىپ، بىز ئۈچۈن بۇ خىل تەتقىقات پائالىيىتىدە باراۋەر شېرىكلىك سالاھىيەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن» دېگەن. سىرىلانكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى نىلۇكا كادۇرۇگاموۋا جۈمە كۈنى بۇ چەكلەشنىڭ بارلىق چەت ئەل پاراخوتلىرى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەربىي تەكشۈرۈشكە تېخىمۇ ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەربىي نۇقتىدىن دېڭىز-ئوكيان ساھەسىنى ئەتراپلىق كۆزىتىش ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك سىرىلانكا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىگە يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە خىتاينىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتلىرى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمايدىكەن، بەلكى خىتاي بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ۋە ھەربىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئۇچۇر توپلايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ