خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆچ ئېلىپ ئىسپىرتلىق مەھسۇلاتلارنى تەكشۈردى

خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ توكلۇق ئاپتوبومىل تولۇقلىمىسىنى تەكشۈرۈشىدىن ئۆچ ئېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسپىرتلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 5-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارشى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىۋەتكەن. بۇ تەكشۈرۈش دۆلەت ئىچى ئىسپىرتلىق مەھسۇلاتلار جەمئىيىتى تاپشۇرغان ئىلتىماس تەلىپى بىلەن باشلانغان بولۇپ، قاچىلاش سىغىمى 200 لىتىردىن تۆۋەن بولغان ماركىلىق مەھسۇلاتلارغا مەركەزلەشكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە قارشى يوشۇرۇن ئۆچ ئېلىش، دەپ قارالغان.

خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارا بازارلىق شارائىتىنى كوزىر قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينى ئەيىبلىگەن ھەرقانداق دۆلەتكە بېسىم قىلىپ، خىتايغا بويسۇنۇشقا، يول قويۇشقا قىستاپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1548 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2024 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق