خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ساياھەت ئورنى تەييارلىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىلنىڭ بېشىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا چاقىرىپ: «شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ھېس قىلىشنى قارشى ئالىمىز» دەپ بىلجىرلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 5-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «شىنجاڭنىڭ ئىشىكى ھەمىشە ئوچۇق، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى، ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ھېس قىلىشقا چاقىرىمىز» دەپ جار سالدى.
ۋاڭ ۋېنبىن ئۆتكەن بىر يىلدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، ھىندونېزىيە، مالايشىيا، ياپونىيە، مىسىر، فىرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋېيتسارىيە، كانادا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا دۆلەتلەر ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن 400 گە يېقىن گۇرۇپپىدىكى 4300 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مېھماننىڭ رايوننى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن جايلارنى زىيارەت قىلىپ، مەسچىتلەردە دىنىي خادىملارنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتىپ بىلجىرلىدى.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا مەخسۇس ساياھەت رايونى ياساپ، شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردىكى مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىدە مەقسەتلىك قالدۇرۇپ قويغان ئاز ساندىكى مەسچىتلەردىن پايدىلىنىپ كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، چەت ئەلدىن كەلگەن ھەرقانداق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ياكى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ پەقەت خىتاي بېكىتكەن چەكلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى، كۆپلىگەن خىتايپەرەسلەرنىڭ بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشىغا شېرىك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ