شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى نىزام چىقىرىپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن تەسىس قىلغان دىنىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى كۈچەيتىش ۋاسىتىسى بىلەن، دىنغا قارشى تېررور سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 4-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى» ئېلان قىلىنغان. بۇ نىزامنامە بۇ يىل 1-فېۋرالدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئاتالمىش «نىزامنامە»نىڭ بىر قىسىم ماددىلىرىدا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن:
«-13ماددا، دىنىي ئالىي مەكتەپ ئاپتونوم رايوندىكى دىنىي تەشكىلات تەرىپىدىن قۇرۇلىدۇ. باشقا تەشكىلات ياكى شەخسلەر دىنىي ئىنستىتۇتلارنى قۇرالمايدۇ. دىنىي ئىنستىتۇتلارنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئىلتىماسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
15-ماددا، دىنىي ئالىي مەكتەپ تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:
1) ۋەتەنپەرۋەر زاپاس دىنىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش؛
2) دىنىي تەلىماتلارنى توغرا ئىزاھلاش؛
3) خىزمەتتىكى دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش.
-16ماددا، دىنىي ئىنستىتۇتلار ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىك ۋىلايەت، شەھەر (ئوبلاست) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي ئىشخانا) نىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يېتەكلىشى، نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە مەشغۇلات مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە قوغدىشى كېرەك. نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.
17-ماددا، دىنىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش، كەسپىي ئۇنۋان باھالاش ۋە تەيىنلەش، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنۋان بېرىش سىستېمىسىنى يولغا قويىدۇ. كونكرېت ئىشلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.
-18ماددا، دىنىي تەشكىلات بۇتخانا، مەسچىت ۋە چېركاۋلار بىلەن دىنىي خادىملارنى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرسا، ئوبلاست ، شەھەر (ۋىلايەت) خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك. (مەمۇرىي ئىشخانا) دىن ئىشلىرى بۆلۈمى تەستىقلايدۇ. ئۈچ ئايغا يەتمەيدىغان دىنىي تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن، چوقۇم ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلار تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىش كېرەك.
دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ، مەسچىت، بۇتخانا ۋە چېركاۋلاردىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسلەر دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارسا بولمايدۇ»
خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بېرى، ئىزچىل تۈردە دىنغا قارشى تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەن. خىتاي بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئاتالمىش «نىزامنامە»دە ھەرقانداق يوسۇندىكى دىنىي تەلىم-تەربىيەنى چەكلىگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمىدىن باشقا، ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىنى تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسلىرىغا پىسەنت قىلماي، دىنغا قارشى نىزامنامىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئاتالمىش «نىزامنامە»دىكى «دىنىي تەلىماتلارنى توغرا ئىزاھلاش»قا ئاساسەن ئاشكارا ھالدا ئىسلام دىنىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نىشانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، بۇرمىلاش باسقۇچىغا ئۆتۈشنى نىشانلىغانلىقىنى، دىنى تەلىم-تەربىيەنى چەكلەش مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە دىننى پۈتۈنلەي چەكلەپ كۆزدىن يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ