خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۆتكۈزدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 4-يانۋار ئىستانبۇلدا 2024-يىللىق تۇنجى كېڭەيتىلگەن ئالىي كېڭەش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى.

يىغىنغا تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى، تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۆلىمالار، ئاكادېمىكلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىۋاسىتە ياكى توردىن ئىشتىراك قىلدى.

كېڭەش يىغىنىدا ئالدى بىلەن تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلغاندىن كېيىن، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان فىلىم قويۇلدى. ئارقىدىن تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كاتىبات بۆلۈمى 2023-يىللىق خىزمەت ئەھۋالىدىن تەپسىلىي دوكلات سۇندى. كېيىن تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مالىيە بۆلۈمى 2023-يىللىق كىرىم-چىقىم ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

كېڭەش يىغىنىدا ھەرقايسى تەشكىلات رەئىسلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئاكادېمىكلار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قىلىۋاتقان پائالىيەتلەر، كەلگۈسى خىزمەتلەر ھەققىدىكى تەنقىد ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى.

كېڭەش يىغىنىدا يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 2024-يىللىق خىزمەت پىلانلىرى، پائالىيەت جەدۋىلى، 2024-يىللىق مالىيە خامچوتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ئاخىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەدىس ئىلمىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۇستاز ئاۋاز نۇرمۇھەممەد ۋە كۇتاھيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلامىي ئىلىملەر بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ئۇستاز زىكرۇللاھ ئالىمغا تون ۋە دوپپا كىيدۈرۈلدى.


تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4904 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2024 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق