خىتاي كوممۇنىست رېجىمى كېلەركى ھەپتە تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرىزدېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن تەيۋەن خەلقىگە تەھدىت سېلىشنى كۈچەيتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى 13-يانۋار تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇپ، كەسكىن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان پىرېزىدېنتلىق ۋە قانۇن پالاتاسى سايلىمىدىن ئىلگىرى، تەيۋەنگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتكەن. ئۇندىن باشقا «تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن جەم بولۇشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكى» توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئارال ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى بىرلىشىش توغرىسىدىكى سۆزلەرنى تەكرارلاش ۋە قايتا-قايتا تەكىتلىگەندىن باشقا، تەيۋەن ئەتراپىدا داۋاملىق كۈلرەڭ رايون تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئارالغا ھەربىي ئايروپىلان، دېڭىز پاراخوتى ۋە ھاۋا شارى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە بۇ ئارقىلىق تەيۋەن خەلقىگە تەھدىت سېلىشنى كۈچەيتكەن.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەيۋەنگە ئون نەچچە ھەربىي ئايروپىلان ۋە دېڭىز پاراخوتى ئەۋەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، 1-يانۋاردىن باشلاپ تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مەركىزى لىنىيەسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان كەم دېگەندە ئالتە خىتاي ھاۋا شارىنى بايقىغان. بۇ ھاۋا شارىنىڭ تۆتى تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىدىن بىۋاسىتە ئۆتكەن.
تەيۋەنلىك مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ھاۋا شارى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تەيۋەن سايلىغۇچىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە تەيۋەننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە قەستەن قىلغان ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ