ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن بىرلەشمە دېڭىز چارلىغاندىن كېيىن، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى رايوننى چارلىغان.
ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 4-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىزنى چارلىغان ۋە بۇ ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئارمىيەسى چارلىغان يەرنىڭ كونكرېت ئورنى ۋە تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان. خىتاينىڭ بۇ چارلاش ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز رايونىدا بىرلىكتە چارلاش ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، ۋەزىيەت كۈنسېرى جىددىيلەشكەن مەزگىلىگە توغرا كەلگەن.
بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 3-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدا ئىككى كۈنلۈك دېڭىز چارلاشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن دېڭىز رايونىدىكى سۈركىلىشى جىددىيلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى. خىتاي تەرەپ ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ بىرلەشمە چارلاش ھەرىكىتىنى «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ جار سالغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ