خىتاي قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئۆزەك شىركىتىگە يوليورۇق چۈشۈردى

خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ئامېرىكا قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى زىيارەت قىلىپ، تېخنىكىدا تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىشنى تەلەپ قىلغان.

بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 4-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزىكى ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان چاڭجياڭ ئىچكى ساقلاش تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ شىركەتنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. لى چياڭنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركىتىنى جازالاش ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان.

لى چياڭ زىيارەت جەريانىدا شىركەتتىن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى كومپارتىيەنىڭ نىشانلىق سىياسەت ئارقىلىق شىركەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە لى چياڭنىڭ بۇ زىيارىتى خىتاي ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن.

خىتاي رېجىمى ئۆزەك مەسىلىسىدە ئارقىمۇ ئارقا زەربە يەۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر شىركىتى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى ۋە مەزكۇر شىركەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان قاتتىق دېتاللىرىغا ئېرىشىشى چەكلەنگەنىدى. شۇنداقلا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ 1-يانۋار ئوپتىك ئويما ماشىنىسى قاتارلىق ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1331 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2024 16:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق