سېرمو فىشېر شىركىتى تىبەتكە DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشنى توختاتقان

ئامېرىكا بىيوتېخنىكا شىركىتى سېرمو فىشېر پەن-تېخنىكا شىركىتى ئامېرىكا خەۋەر تور بېتى Axios قا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدى ۋە پارلامېنتنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك، تىبەتكە DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى ئېيتقان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 3-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى مۇستەملىكىدە ياشاۋاتقان تىبەتلەردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەر ئارقىلىق غايەت زور DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ چىققان.

سېرمو فىشېرنىڭ باياناتچىسى ئېلخەت ئارقىلىق بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا: «بىر قاتار ئامىللارغا ئاساسەن، بىز 2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تىبەتكە HID (ئىنسانلارنى پەرقلەندۈرۈش) مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى توختىتىپ، تىبەتكە ئىنسانلارنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىمىزنى ساتماسلىقنى قارار قىلدۇق» دېگەن. ئەمما باياناتچى سۆزىگە يەنە سېرمو فىشېر ئىشلەپچىقارغان HID تېخنىكىسىنىڭ جىنايەتچىلەرنى ئىز قوغلاش، ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش ۋە خاتا ئەيىبلەنگەنلەرنى قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ئەدلىيەلىك قوللىنىش قىممىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

2022-يىلى خىتاي ھۆججىتىگە ئاساسلانغان دوكلاتلاردا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تىبەتتە كەڭ كۆلەمدە DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتى قوزغىغانلىقى، ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ سېرمو فىشېر پەن-تېخنىكا شىركىتىدىن سېتىۋالغانلىقى ئاشكارىلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ شىركەت تىبەتتە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى توختىتىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى سېرمو فىشېر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك كاسپېرغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى رايوندا ئىشلىتىلىشىنى كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1248 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2024 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق