2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چەت ئەل مەبلىغىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشى تېزلەشكەن

2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار خىتايدىن چېكىنىشنى تېزلەتكەن بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئاساسلىق خەلقئارالىق مەبلەغ ئاقىدىغان ئەڭ ياخشى ئورۇنغا ئايلانغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاسىيادىكى كاپىتال ئېقىشى 2023-يىلى زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، مەبلەغ سېلىشتا خىتاي قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ئۆرلىگەن. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارالىق مەبلەغنىڭ خىتايدىن چىقىپ كېتىشى تېزلەشكەن. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى شىركەتلەر بازارغا سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 3-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى مورگان سىتەنلىنىڭ تەھلىلچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يەرشارىۋى مەبلەغ سالغۇچىلار 2023-يىلى 12-ئايدا خىتاي پاي چېكىنى شىددەت بىلەن ساتقان بولۇپ، سېتىش سۈرئىتى بۇ ئايدا پۈتۈن بىر يىلدىكى سېتىش ھەرىكىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ تېز بولغان. پاي چېكىنىڭ ئالدىراپ سېتىلىشىدىكى سەۋەب تۆلەم تەلىپىنى قاندۇرۇش ۋە مەبلەغنى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇش ئىكەن.

مورگان سىتەنلىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى سەيشەنبە كۈنى خېرىدارلارغا بەرگەن دوكلاتىدا، خىتاي ۋە خوڭكوڭ پاي بازىرىدىكى كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئالدىنقى ئايدا ساپ قىممىتى 3 مىليارد 800 مىليون دوللار قىممىتىدىكى خىتاي پاي چېكىنى ساتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 999 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2024 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق