مىسسۇرى ئىشتاتى خىتاي بىلەن رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى

ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ باشلىقى خىتاي، رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ھەربىي بازىغا يېقىن ئورۇندىن يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ باشلىقى 2-يانۋار مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تەۋە بولغان، ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرنىڭ مىسسورى ئىشتاتىدىكى ھەربىي بازىغا يېقىن ئورۇندىن يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەن.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئىشتات باشلىقى مايك پارسوننىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىدا فېدېراتىپ ھۆكۈمەت ئامېرىكىغا تەھدىت دەپ قارالغان دۆلەتلەردىن كەلگەن پۇقرالار ۋە شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر ئىشتاتتىكى ھەربىي بازىغا 16 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى ياكى باشقا يەرلەرنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي، كۇبا، ئىران، شىمالى كورىيە، رۇسىيە ۋە ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى چەت ئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن.

ئىشتاتلىق كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى كالىب روۋدېن مەزكۇر قارارنىڭ كېڭەش پالاتا يىغىنىدىكى مۇھىم بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر قانداق يوشۇرۇن تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى خالايمىز» دېگەن. ئۇ يەنە ھازىرغا قەدەر ھەربىي بازىنىڭ ئەتراپىدىكى 16 كىلومېتىرلىق دائىرىدە ھېچقانداق چەت ئەل ئورگىنىنىڭ يەر-زېمىنغا ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 869 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2024 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق