ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن يەنە بىر قېتىم بىرلىكتە دېڭىز چارلىدى

خىتاي بىلەن بولغان دېڭىزدىكى سۈركىلىش جىددىي كۈچىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئىككىنچى قېتىملىق بىرلەشمە دېڭىز چارلىشى ئىجرا قىلدى.

بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 3-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدا ئىككى كۈنلۈك دېڭىز چارلاشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن دېڭىز رايونىدىكى سۈركىلىشى جىددىيلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ قېتىملىق بىرلەشمە چارلاش ئۆتۈشمە مەشىقى، ئالاقە تەكشۈرۈشى، بىرلەشمە چارلاش ۋە ئۇچۇش مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەزكۇر بىرلەشمە چارلاش 2021-يىلى نويابىردا ئىككى دۆلەت بىرلەشمە چارلاشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، فىلىپپىن خىتاي بىلەن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان دېڭىز رايونىدا ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇداپىئە ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 682 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2024 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق