خىتاي رېجىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، جىنايەتكە چېتىشلىق خادىملارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى چېتىپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىرلەشمە سەھەر گېزىتىنىڭ 29-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي «خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى» 2023-يىللىق ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى 14-نۆۋەتلىك خىتاي قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان بولۇپ، دوكلاتتا ئەسلىدىكى جىنايەتكە چېتىشلىق خادىملارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى چېتىپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بىكار قىلىنىپ، «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ، باشقىلارغا چېتىلىپ قالسا بولمايدۇ» دېيىلگەن.
خىتاي رېجىمى بارلىق قانۇنلىرىنى خىتاي كومپارتىيەنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، خەلقنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىرلىرى قوبۇل قىلىنمايلا قالماستىن، ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
خىتاي بۇ قېتىم ئەسلىدىلا قانۇنسىز بولغان مەزكۇر قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ تۆھمەتلىرى بىلەن ئاتالمىش «جىنايەتچى» بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «نۇقتىلىق باشقۇرۇلىدىغان كىشىلەر» دەپ ئاتاپ، ئۇلارغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى، ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا يېقىن تۇغقانلىرىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ جازالىماقتا. ئاتالمىش «نۇقتىلىق باشقۇرۇلىدىغان كىشىلەر»نىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، چەت ئەلگە چىقىش قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ جازالىماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستانغا بىر خىل سىياسەت، خىتاي ئۆلكىلىرىدە بىر خىل سىياسەت ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، كۆز بويامچىلىق ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر قانۇن ئۆزگەرتىشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا ئەمەلىيلىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ