غەززەدە جىددىي داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدە، ئىسرائىلىيە ئالىي سوتى نىتانياھۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن قانۇن تەكلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇن سوتچىلارنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىشنى، ھۆكۈمەت قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، سوت مەھكىمىسىدىكى 15 سوتچىنىڭ ھەممىسى تۇنجى قېتىم بۇ دېلوغا قاراپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن يەتتىگە قارشى سەككىز ئاۋاز بىلەن مەزكۇر قانۇننى بىكار قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، سوت مەھكىمىسى بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ دېموكراتىك دۆلەت بولۇشتەك يادرولۇق خاراكتېرىگە ئېغىر ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زىيان سالغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك بۇ قانۇننى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قاراردىن كېيىن نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى لىكۇد پارتىيەسى سوتقا ھۇجۇم قىلىپ، سوتنىڭ بۇ قارارى ئۇرۇش ۋاقتىدا دۆلەتنىڭ ئورتاق مەيدانىغا تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتقان.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ قانۇننىڭ تۈزىتىلىشى غەززە خەلقىنىڭ پىداكىرانە قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىسرائىلىيە ھاكىمىيتىنى تەۋرىتىپ قويغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەدە ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ئىچكى بۆلۈنۈش ۋە خەلقنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە غەززەدە ۋاسىتە تاللىماي قىرغىنچىلىق قىلغان جىنايەتلىرىگە قارشى خەلقئارادىكى نارازىلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتىنى تەۋرىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ