خىتاي 2024-يىلى ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى بىر تۈركۈم ئاراللارغا ھەر كۈنى خىتاي پاراخوتلىرى ئەۋەتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەر ھەپتىلىكى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىز قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندا، سېنكاكۇ ئارىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئارمىيەنى توختىماي كۈچلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي «دىياۋيۈ ئارىلى» دەپ ئاتاپ كەلگەن ئادەمسىز سېنكاكۇ ئارىلى ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 320 كىلومېتىر كېلىدىغان بەش ئارال ۋە ئۈچ خادا تاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2012-يىلى بۇ ئاراللارنى كونترول قىلغاندىن بۇيان خىتاي بىلەن ياپونىيە بۇ تېررىتورىيەدە كۈنسېرى جىددىي تىركىشىپ كەلمەكتە.
كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ خادىملىرىغا: «بىز پەقەت ئالغا ئىلگىرلىيەلەيمىز، ئارقىدا قالمايمىز، ھەتتا بىر مىللىمېتىر زېمىنىمىزنىمۇ ئېلىپ كېتىشكە ھەرگىز يول قويمايمىز» دەپ جار سالغان. ياپونىيەنىڭ خەۋىرىدە خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ يىل ھەر كۈنى تالاش-تارتىشتىكى ئاراللارغا يېقىن جايلاردا خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترەتلىرىنىڭ بۇ رايوندا تىجارەت قىلىۋاتقان ياپونىيە بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە پاراكەندىچىلىك سېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا سېنكاكۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرمەي كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيەنىڭ بۇ ئاراللارنى باشقۇرۇشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكىنىڭ سېنكاكۇدىكى ياپونىيە ھۆكۈمەت پاراخوتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك شەرتنامىسىدە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنى قوغداشتىكى تەۋرەنمەس ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەنىدى. بۇ، رايوندىكى ھەر قانداق توقۇنۇشنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنى خىتاي بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى راخم ئېمانۇئېل X تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «يېڭى يىل كۈنى خىتاي رېجىمى رەھبەرلىك قاتلىمى ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پاراخوتلارنى ئۇدا 365 كۈن ساقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاينىڭ يېڭى يىل قارارى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرىلىقى، تۇرالغۇ ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە سانائەتنىڭ تارىيىشى رېكورتىغا دۇچ كەلدى» دېگەن.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا، ئۆتكەن بىر يىلدا سېنكاكۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەر ئايدا 4 دىن 16 كىچە بولغانلىقى، بەزىدە 45 كىلومېتىرغا يېتىدىغان رايوندا ھەر ئايدا نەچچە ئون خىتاي پاراخوتى كۆرۈلگەنلىكى، ياپونىيەنىڭ خىتاي پاراخوتلىرىغا ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر