تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن خىتاي كوممۇنىست رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق ئۇچۇرىدا خىتاينىڭ «تەيۋەن بىلەن جەم بولۇشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكى» توغرىسىدىكى بىلجىرلاشلىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپىنىڭ دېموكراتىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق سۆزىدە «خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن بىرلىشىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكى»نى دەۋا قىلىپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك تىل قوللانغان بولسىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ باياناتى خىتاي ئورگان تاراتقۇسى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ رەسمىي ئىنگلىزچە تەرجىمىسىدە تېخىمۇ يۇمشاق ئاھاڭدا نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، «خىتاي جەزمەن جەم بولىدۇ» دېيىلگەن.
تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن شى جىنپىڭنىڭ «بىرلىشىش مۇقەررەر» دېگەن سۆزىگە جاۋاب بېرىپ، تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى خەلقنىڭ ئىرادىسى بىلەن قارار قىلىش كېرەكلىكىنى، ھەر قانداق تىنچلىقنىڭ ئىززەت-ھۆرمەتنى ئاساس قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سەي يىڭۋېن يەنە خىتاينىڭ تەيۋەندىكى سايلام نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەندىكى سايلامنى «ئۇرۇش بىلەن تىنچلىقنىڭ تاللىشى» دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھازىرقى سەي يىڭۋېن رەھبەرلىك قىلىۋاتقان پارتىيەنى ھاكىمىيەت بېشىدىن چۈشۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا.
تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ساختا خەۋەر، ھەربىي ياكى سودا جەھەتتىكى بېسىمى ئارقىلىق سايلامغا ئارىلاشماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئاممىنىڭ بۇ مەسىلىدە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
سەي يىڭۋېن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە تەيۋەننىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر