خىتاي رېجىمى تەيۋەن سايلىمىنى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي رېجىمى تەيۋەننى قالايمىقان قىلىش ئۈچۈن، تەيۋەن خەلقىنى سايلامدىن ئىلگىرى ئاتالمىش «تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش»قا چاقىرىپ، ھەيۋە كۆرسەتمەكتە.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 2-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى يېڭى يىللىق تەبرىكلەش سۆزىدە، تەيۋەن خەلقىنى ئاتالمىش «تارىخنىڭ توغرا تەرىپى»دە ئورۇن ئېلىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ سۆز تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پىرېزىدېنت سايلىمىغا ئىككى ھەپتىدىن ئاز ۋاقىت قالغان بىر پەيتتە ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق سايلام تەيۋەن بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارالغان.

خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇڭ تاۋ تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىككى دۆلەت ھالقىغان مۇناسىۋەتنى ئاتالمىش «تىنچ تەرەققىياتنىڭ توغرا يولى»غا قايتۇرۇپ، تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.

تەيۋەندە 13-يانۋار پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى ھەربىي تەھدىت ۋە يالغان تەشۋىقاتلار ئارقىلىق سايلامنى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1268 قېتىم كۆرۈلدى
03/01/2024 17:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق