خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى خىتاي ئىقتىسادىغا يېتىشىۋالماقتا.
ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بولۇپ، پاي باھاسى ياخشى بولغان. ھۆكۈمەت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كۈچەپ مەبلەغ سالغان. شۇنداقتىمۇ ھىندىستان شىركەتلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى مەۋجۇت بولۇپ، سالغان مەبلىغى بازارنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە يېتىشەلمىگەن، كەلگۈسىدىكى سودىنىڭ ئېشىشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ ئىزىدا توختاپ قالغان. گەرچە مەبلەغ ھىندىستان پاي چېكىگە ئېقىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى تۆۋەنلىگەن. بۇنداق ئەھۋالدا ھۆكۈمەت مەلۇم ۋاقىتقا قەدەر چىقىمنى ئازايتىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر خۇسۇسىي ئىگىلىك مەبلەغ كۆپەيتىلمىگەن ئەھۋالدا، ئىقتىسادقا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ