خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلارنى ئىزچىل بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندىن بېرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. 2023-يىلى تارىم نېفىتلىكىدىن 33 مىليون 530 مىڭ توننا نېفىت، گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1-يانۋاردىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ 2023-يىلى يىلى 12- ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، تارىم نېفىتلىكىدىن پۈتۈن يىلدا ئالغان نېفىت، گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 33 مىليون 530 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2022- يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 430 مىڭ توننا ئاشقانلىقى، بۇ تارىم نېفىتلىكىنىڭ نېفىت، گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۇدا تۆت يىل 30 مىليون توننىدىن ئېشىشى ھەم مۇقىم ئېشىشنى ساقلاپ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
نۆۋەتتە خىتاي تارىم نېفىتلىكىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت، گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» نامىدىكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ھەرىكىتىدە تايانغان ئاساسلىق گاز مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 2023-يىلى تارىم نېفىتلىكىنى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىن زور نېفىت، گاز بايلىقىنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن قىلىشنى نىشانلاپ، ئويمانلىقنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگەن. يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، 2023- يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بوز − دابېي 1 تىرىليون كۇب مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر گازلىق رايونى، فۇمەن 1 مىليارد توننىلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت رايونىدا نېفىت، گازنى بىر تەرەپ قىلىش يادرولۇق قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۆلەملەشتۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەتلا خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ھەتتا نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ