تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە سانائىتى تۇنجى قېتىم ئىشلەپچىقارغان «ئەنقا III» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانىنى 28-دېكابىر سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇلغان. ئايروپىلان تۇنجى قېتىملىق سىناقتا بىر سائەت 10 مىنۇت ئۇچۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناقتىن ئۆتكەن.
بۇ ئايروپىلان تۈركىيەنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئايروپىلانى بولۇپ، خەۋەرلەردە ئايروپىلاننىڭ تامامەن تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ تېخنىكا كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ چىقىرىلغانلىقى ئېيتىلغان.
«ئەنقا III» ناملىق بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئاساسەن رادارغا چۈشمەيدىغان بولۇپ، تۈركىيە دۇنيادا بۇ خىل ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان 5-دۆلەت بولغان. بۇ ئايروپىلان رازۋېدكا قىلىش، كۆزىتىش، ئاخبارات ئىگىلەش ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش، دۈشمەننىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى، كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغا قارشى تۇرۇش، دۈشمەننىڭ رادار سىستېمىسىغا زەربە بېرىش، شۇنداقلا ھەر خىل سىگنال ۋە ئالاقە-ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەن.
بۇ ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى يەتتە توننا بولۇپ، بىر سائەتتە ئەڭ تېز دېگەندە 835 كىلومېتىر ئۇچالايدىكەن. ئەڭ ئېگىز بولغاندا تەخمىنەن 13.5 كىلومېتىر ئېگىزلىككىچە چىقالايدىغان بولۇپ، نورمال ھەرىكەت دائىرىسى 12 كىلومېتىر ئىكەن ۋە ئون سائەت ئۇچالايدىكەن. بىر قېتىمدا 1200 كىلوگىرام پايدىلىق يۈك توشۇيالايدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلاردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئوق-دورىلاردىن چوڭقۇر يەر ئاستىغا تېشىپ كىرىپ، دۈشمەن نىشانلىرىغا زەربە بېرەلەيدىغان ئېغىر تىپلىق SOM-J، MK-82 بومبىلىرىنىمۇ ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن. بۇ ئايروپىلان سىناقلاردىن ئۆتۈپ، رەسمىي ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، چوڭ تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتلارغا قونۇش ۋە ئۇچۇش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە بولىدىكەن.
27-دېكابىر تۈركىيە ئۆزى ئىشلەپچىقارغان «ئاكيا» (AKYA) ناملىق تورپېدانى سىناق قىلغان بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق سىناق تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. بۇ تورپېدا تۈركىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانائىتى بولغان «ROKETSAN» تەرىپىدىن ياسالغان.
«ئاكيا» ناملىق تورپېدا تۈركىيە پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ چىققان ئېغىر تىپتىكى، ئۇزۇن مۇساپىلىك سۇ ئاستى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، پارتلىتىش كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. بۇ بومبىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتتە مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق سىناقتا ئەڭ ئاز 10 مىڭ مېتىر يىراقلىقتىكى نىشانلانغان پاراخوتنى %100 توغرىلىق بىلەن پارتلاتقان. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدە ناھايىتى كۈچلۈك ھاياجان قوزغىغان.
تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئەرجۈمەنت تاتلىئوغلى، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ رەئىسى گۆرگۈن قاتارلىقلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر تورپېدانىڭ سۇ ئاستى ئۇرۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم قورال ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياسىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، دېڭىز ئارمىيەنىڭ ئاكيادىن ئىبارەت ناھايىتى كۈچلۈك بىر قورالغا ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر