گوللاندىيە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلدى

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گوللاندىيە ئۆزەك ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ASML شىركىتىنىڭ 1-يانۋار گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوپتىك ئويما ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

باش ئىشتابى گوللاندىيەنىڭ ۋېلدخوۋېنغا جايلاشقان ASML شىركىتى باياناتىدا: گوللاندىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا 2023-يىلى تارقىتىلغان «NXT: 2050i» ۋە «NXT: 2100i» ئوپتىك ئويما سىستېمىسىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى قىسمەن بىكار قىلىپ، ئاز ساندىكى خىتاي خېرىدارلىرىغا تەسىر قىلدى، دېگەن.

بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ASML بۇ خىل ئالىي دەرىجىلىك ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش تەرتىپى يولغا قويۇلۇشتىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خىتايغا بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەرنى سېتىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغان.

گوللاندىيەنىڭ خىتايغا قويغان يېڭى چەكلىمىسى 1-ئايدا تولۇق يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، گوللاندىيە شىركىتىنىڭ قولىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۈچ ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق ئوپتىك ئويما ماشىنىسىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىش ئىجازەتنامىسى بار ئىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ئىش توغرىسىدا گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، گوللاندىيە ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىدىن ASML بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ئۆزگىرىش قانچىلىك ئۈسكۈنىگە چېتىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ھەر بىر ئۈسكۈنىنىڭ يەككە باھاسى نەچچە ئون مىليون دوللار ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1459 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2024 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق