خىتاي پاي چەكلىرى يېڭى يىلدا داۋاملىق تۆۋەنلىدى

خىتايدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ پاي چېكى يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۆۋەنلىدى.

بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆي سېتىش سانلىق مەلۇماتلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خىتاي پاي چېكى يېڭى يىلنىڭ بېشىدا تۆۋەنلەپ، CSI 300 كۆرسەتكۈچى %1.1 تۆۋەنلىگەن. خېڭشېڭ خىتاي كارخانا كۆرسەتكۈچى %1.8 تۆۋەنلەپ، رايوندىكى ئىپادىسى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پاي بازىرى 2023-يىلىدا پەقەتلا بىر قانچە سودا كۈنىدە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرشارىۋى مەبلەغ سالغۇچىلار يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى سودا كۈنىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى پاي بازىرىدىن 505 مىليون دوللارنى چېكىندۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1380 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2024 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق