خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس ئەھۋالى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس ئەھۋالى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار 17-يانۋار ئېلان قىلىنىدىكەن.

خىتاي مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىقتىساد ۋە نوپۇس ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە دېھقانچىلىقنى تەكشۈرۈشتىن باشقا، خىتايدىكى ئۈچ قەرەللىك نوپۇس تەكشۈرۈش، نوپۇس تەكشۈرۈش تەرتىپىنىڭ بىرى ئىكەن. 2023-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەشىنچى قېتىملىق پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى ئىقتىساد ۋە نوپۇس ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ۋە تىزىملاش 1-يانۋار رەسمىي باشلىنىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەخمىنەن 2 مىليون 100 مىڭ خادىم كارخانىلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، 1 مىليون 160 مىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش رايونىدىن سانلىق مەلۇمات توپلايدىكەن ۋە تىزىملايدىكەن. بۇ جەرياندا تۇنجى قېتىم نوپۇسقا كىرگۈزۈش-چىقىرىش بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خەلق ئىگىلىكىدىكى كەسىپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي باغلىنىشنى ئىگىلەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتا 2022-يىلى 61 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم نوپۇسنىڭ پاسسىپ كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ نوپۇسى 1 مىليارد 411 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە قارىغاندا 850 مىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1283 قېتىم كۆرۈلدى
02/01/2024 17:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق