ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئۇرۇشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئوخشىتىلدى.
ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ 1-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋەيران قىلىش جەھەتتە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئوخشىتىلغان بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق تەييارلانغان دوكلاتتا غەززەنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن 10 نەچچە يىل كېتىشى مۇمكىنلىكى، ۋەيرانچىلىقنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئېغىر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئىسرائىلىيە ئۇرۇش داۋامىدا غەززەنى 29 مىڭ قېتىم بومباردىمان قىلغان ۋە توپ ئوقى ئاتقانلىقى، بومباردىماندا غەززەدىكى ئۆيلەرنىڭ %70 نىڭ بۇزۇلغانلىقى ياكى يىقىلغانلىقى، يىقىلغان ئۆيلەر ئىچىدە بىزانتىيە دەۋرىدىن قالغان ئۆي ۋە بىنالار، تارىخىي جامەلەر، تارىخىي چېركاۋلار، زاۋۇتلار ۋە بىنالارنىڭ بارلىقى، توك ۋە سۇ ئىنشائات ئەسلىھەلىرى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ۋەيران بولغان بولۇپ، غەززە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيەنىڭ دېرېستې كەنتىگە ئوخشىتىلىپ، تارىختا بومباردىمان بىلەن ۋەيران قىلىنغان مەشھۇر شەھەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە مۇتەخەسسىسلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ %20 نىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبلىك دوختۇرخانىلارنىڭ %77 ى، باغچىلار، سوت مەھكىمىلىرى ۋە كۇتۇپخانىلارغا ئوخشاش خەلق مۇئەسسەسە بىنالىرى ھەمدە ئورۇنلارنىڭ %72 ى، تېلېگراف ئەسلىھەلىرىنىڭ %68 ى، شىمالدىكى سانائەت مەركىزىنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىنغان بولۇپ، غەززەنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئون نەچچە يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىپ، ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 21 مىڭ 978 پەلەستىن خەلقىنى ئۆلتۈرگەن، 57 مىڭ 697 ئادەم يارىلانغان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، غەززەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىنغان. شۇنداقلا خارابىلىك ئاستىدا يەنە نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ جەسىتى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ