خىتاي رېجىمىنىڭ قانۇنغا جىددىي تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تاراتقۇلارنىڭ ئاپەت توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 1-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي «جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ ئاپەت ۋە ھادىسىلەرنى خەۋەر قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپ چەكلىمە قويۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلغان. ئاتالمىش «خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى» ئېلان قىلغان «جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى»نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىدا «زىيارەت قىلىپ خەۋەر توپلاش ۋە دوكلات قىلىش سىستېمىسى» بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەمما بۇنىڭ نېمە مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلمىگەن.
ئاخبارات مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن تاراتقۇلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىشىنى چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمى خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇنى قانداق ئىجرا قىلىشىغا باغلىق ئىكەن. خىتاي رېجىمى بۇ قانۇن لايىھەسى ھەققىدىمۇ ھەر دائىمقىدەك ياسالمىلىقى بويىچە 27-يانۋارغىچە ئاشكارا ھالدا ئاممىنىڭ پىكىرىنى توپلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆزگەرمەس ھىيلىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ھەر قانداق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاتالمىش «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» شوئارى ئاستىدا ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكىنى، دۇنيادا مۇستەبىتلىكى بىلەن تونۇلغان خىتاي رېجىمىنىڭ قىلچە تەپ تارتماستىن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئورگانلىرىدىن تارتىپ، يېزىلاردىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ تاملىرىغىچە «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز» دەپ يېزىۋېلىشىدىنمۇ بەكرەك تىراگېدىيەلىك كومېدىيە يوقلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ، ئى. ئۆتكۈر