شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 10-نۆۋەتلىك شۇرا يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 10-نۆۋەتلىك شۇرا يىغىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 60 تىن كۆپ ئەزانىڭ قاتنىشىشى بىلەن، 30-، 31-دېكابىر كۈنلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

شۇرا يىغىنىدا ئۆلىمالار دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر، ئۆلىمالارنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيەتلىرى ۋە قانداق قىلغاندا دەۋەت-تەشۋىقات خىزمىتىنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلغان ھالدا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ دېگەن تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

يىغىندا بىرلىكنىڭ نىزامنامىسىگە «تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ھەق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى» ماددىسى بىرلىك ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئاۋازى بىلەن ئىلاۋە قىلىندى. يىغىندا يەنە بىرلىكنىڭ ئىجرائىيە بۆلۈمىگە «ياشلار خىزمەت بۆلۈمى» تەسىس قىلىش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئۆلىمالار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈستىگە پەرزى ئەين ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۆلىمالارنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە، بولۇپمۇ دەۋەت، تەبلىغ ۋە ھەر قايسى سورۇنلاردا «شەرقىي تۈركىستان» سۆزىنىڭ چوقۇم زىكىر قىلىنىشى، خەلققە ۋە ۋەتەن دەۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا بارلىق خىزمەتلىرىدە نىشاننىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى» ئاساسىدا بولۇشى توغرىسىدا خىزمەت ئىشلەش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا يەنە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسىلەر بىلەن ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئەنئەنىلىرى، ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە بولۇش ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ دەۋا ۋە خىزمەت يولىدىكى ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى قاتارىدا كۆرۈشىگە تەشەببۇس قىلىش تەكىتلەندى.

مۇزاكىرىدىن كېيىن، ئۆلىمالار بىرلىكى قارمىقىدىكى بارلىق بۆلۈملەر  ئايرىم-ئايرىم بۆلۈنۈپ ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلىپ، 2024-يىلى ئىچىدە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىنى بېكىتىپ چىقتى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا مۇزاكىرىلەرگە ئاساسەن ئۆلىمالار بىرلىكى 2024-يىلى بىر يىل ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان خىزمەتلەر ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى.

قاراردا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى خەلقنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاق-پەزىلەتلىرى، مىللىي ئۆرپ ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدىغانلىقى، تۈركىيەدە تونۇلغان بىر قىسىم ئۆلىمالار ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسلىھەت گۇرۇپپىسى بەرپا قىلىپ، قەرەللىك ھالدا ئۇچرىشىش ئارقىلىق تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى جانلاندۇرۇشقا كۈچەيدىغانلىقى، ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى جانلاندۇرۇپ، تۈركىيە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىدىغانلىقى، خەلق بىلەن ئۆلىمالارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرۈش ھەرىكىتىنى جانلاندۇرىدىغانلىقى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ ۋە مەدرىسەلىرىدە دىنىي، مىللىي قىممەت قاراش ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەرەللىك تەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبىگە دىن، ۋەتەن ۋە مىللەت تۇيغۇسىنى كىچىكىدىن باشلاپ سىڭدۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، ئىلاھىيەت ساھەلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5725 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2024 17:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق