خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەت كۆلىمى بارغانسېرى تارايدى

12-ئايدا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى تېخىمۇ ئازىيىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەت كۆلىمى 12-ئايغىچە ئۇدا ئۈچ ئاي تارىيىپ، مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىستىقبالىغا سايە تاشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى يۇقۇمدىن كېيىن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلىشى، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قەرز خەۋپى ۋە يەر شارى بويىچە ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئاجىز بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلغان. بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تەسكە توختىغان.

خىتاي رېجىمى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات دوكلاتىغا قارىغاندا، 12-ئايدا خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ PMI قىممىتى 49.0% بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %0.4 تۆۋەنلىگەن. بۇ رويتېرس ئاگېنتلىقى مۆلچەرلىگەن %49.5 دىن تۆۋەن بولغان.

خىتاي ئىقتىسادشۇناسلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، چوقۇم سىياسەتنىڭ قوللىشىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش ئەھۋالى داۋاملىق  يۈز بېرىدىغانلىقىنى، خىتاي مەركىزىي بانكىسىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، بانكىدا قويۇش تەلەپ نىسبىتىنى ئازايتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1249 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2024 17:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق