خىتاي بىلەن رۇسىيە خاككېرلىققا قارشى تۇرۇش ئۇلىنىشىنى سىناق قىلغان بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن خاككېرلىقتىن مۇداپىئەلىنىش كىۋانت ئالاقە ئۇلىنىشىنى سىناق قىلغان.
رۇسىيە ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ كىۋانت سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بىخەتەر ئاچقۇچلارنىڭ ياردىمىدە شىفىرلانغان كىۋانت ئالاقىسىنى ئورناتقان بولۇپ، بۇ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى كىۋانت ئالاقە تورىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر موسكۋاغا يېقىن يەر يۈزى پونكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىگە يېقىن يەنە بىر يەر يۈزى پونكىتى ئوتتۇرىسىدا 3800 كىلومېتىر مۇساپىدىن كىۋانت ئاچقۇچى ئارقىلىق بىخەتەر ھالدا ئىككىلىك كود رەسىمنى ئەۋەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ۋە خىتايدىكى ئالىملار سۈنئىي ھەمراھ يەتكۈزگەن بىخەتەر ئاچقۇچلارنىڭ ياردىمىدە مەخپىيلەشتۈرۈلگەن كىۋانت ئالاقىسىنى ئورنىتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ