خىتاي رېجىمى يېقىنقى مەزگىللەردە تۈرلۈك ھۆججەت، ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا ئالاھىدە كۈچەۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى ئاتالمىش «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش» نامىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر ۋە يوليورۇقلارنى ئېلان قىلماقتا.
28-دېكابىر خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىدا «دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تىزىملىكى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «خىزمەت، تۇرمۇشتا دۆلەت مەخپىيىتى ۋە شەخسى خىزمەت مەخپىيىتىنى بىرلىكتە ساقلايدىغان پولات سېپىلنى مۇستەھكەملەش» كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر تىزىملىك يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ قانداق ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەر بىلەن خەلقنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى، قانداق ئۇچۇر ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر تىزىملىكتە تۆۋەندىكى نۇقتىلار تىلغا ئېلىنغان:
«مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ھۆججەتلەر
1. مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ھۆججەت، ماتېرىياللارنى خىزمەت ئۈستىلىگە خالىغانچە دۆۋىلەپ قويماي، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش دەرىجىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەخپىي ئىشكاپقا سېلىش لازىم.
2. مەخپىي ھۆججەت، ماتېرىياللارنى خالىغانچە كۆپەيتمەسلىك، كۆچۈرمەسلىك، سىكاننېرلىماسلىق ياكى سۈرەتكە تارتماسلىق لازىم.
3. مەخپىي ھۆججەت، ماتېرىياللارنى ئادەتتىكى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتمەسلىك لازىم.
4. مەخپىي ھۆججەت ساقلانغان بارماق دىسكا ياكى كۆچمە قاتتىق دىسكىنى خالىغانچە باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇپ بەرمەسلىك لازىم.
5. ئىنتېرنېت تور دىسكىسى، بۇلۇت دىسكىسىدا دۆلەت مەخپىيىتى ۋە ئىچكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ساقلىماسلىق لازىم.
مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان كومپيۇتېر
.1 مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان كومپيۇتېرنى ئالاقە تورى ياكى باشقا ئاممىۋى تورغا ئۇلىماسلىق لازىم.
2. مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان كومپيۇتېرغا ئىنتېرنېت تورىدىن چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتالنى خالىغانچە قاچىلىماسلىق لازىم.
3. مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان كومپيۇتېردىكى بىخەتەرلىك يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى يۇيىۋەتمەسلىك لازىم.
4. مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان كومپيۇتېردا سىمسىز تور كارتىسى، سىمسىز مائۇس، سىمسىز كۇنۇپكا تاختىسى قاتارلىق سىمسىز ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتمەسلىك لازىم.
5. مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان كومپيۇتېر بىلەن ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلانغان كومپيۇتېر ئارىسىدا بارماق دىسكا ياكى كۆچمە قاتتىق دىسكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك لازىم.
6. ناتونۇش ئېلخەت ئادرېسىدىن كەلگەن ئېلخەت ۋە ئۇلىنىشنى چەكمەسلىك لازىم.
7. ئىسىم-فامىلىسى، تۇغۇلغان كۈنى، كىملىك نومۇرى قاتارلىق ئاددىي ھەم يۆنىلىشچانلىقى كۈچلۈك مەخپىي نومۇر تەسىس قىلماسلىق لازىم.
تۇرمۇشتىكى يانفونى
1. دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنى ياكى مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى يانفوندا يوللىماسلىق لازىم.
2. كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننېرلىماسلىق لازىم.
3. شىفىرلاش مۇداپىئەسى بولمىغان سىمسىز تورنى ئۇلىماسلىق لازىم.
4. ئالاقىلاشقۇچىنىڭ خىزمەت ئورنى، ۋەزىپىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي خاتىرىلىمەسلىك لازىم.
5. يانفوننى مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان كومپيۇتېرغا ئۇلىماسلىق لازىم.
6. سەزگۈر ئورۇن ئەتراپىدا يانفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئاسانلىقچە ئاچماسلىق لازىم.
7. يانفوننى مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان سورۇنغا ئېلىپ كىرمەسلىك لازىم
تۇرمۇشتىكى دوستلار چەمبىرىكى
1. دوستلىرى، ساۋاقداشلىرى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشماسلىق لازىم.
2. مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى مەخپىي سورۇنغا ئېلىپ كىرمەسلىك لازىم.
3. مەخپىي ھۆججەت قاتارلىق مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان بۇيۇملارنى ئېلىپ ئېكسكۇرسىيە ، ساياھەت قىلماسلىق، ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلارنى يوقلىماسلىق ياكى ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماسلىق لازىم.
4. ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئۆزىنى پاك تۇتۇش، مۇھىم سەزگۈر ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان خادىملار ئۆزىنىڭ «ئالاھىدە سالاھىيىتى»دىن بېشارەت بەرمەسلىك، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ئازدۇرۇشى، تەھدىت سېلىشى تۈپەيلىدىن مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
5. ئاممىۋى ئالاقە سۇپىسىدا مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشماسلىق لازىم.»
خەۋەردە ھەر بىر كىشىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى، گۇمانلىق ئەھۋال بايقالسا دەرھال پاش قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىخبارات ئۇرۇشى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر يوليورۇقنى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ