خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا «سەددىچىن سېپىلى مۇزېيى» قۇرۇپ ئىشغالىيەت تارىخىنى پەردازلاشقا ئۇرۇندى

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى لوپنۇر ناھىيەسىدە ئاتالمىش «سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى» قۇرغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇرا، قورغان ئىزلىرىنىڭ «خىتايدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ داۋامى» ئىكەنلىكىدەك نومۇسسىزلارچە سەپسەتىسىنى رەسمىي يوسۇندا تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، لوپنۇردا قۇرۇلغان ئاتالمىش «يىپەك يولى سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى» 29-دېكابىردىن تارتىپ رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» قويۇلغان. مۇزېينىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، سىرتقى قىسمى قەدىمىي تۇرا شەكلىدە سېلىنغان.

خەۋەردە «زىيارەتچىلەر شەنخەيگۈەندىن غەربىي يۇرتقىچە سوزۇلغان سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئوخشىمىغان كۆرۈنۈشلىرىنى، جەلپكارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى» دېيىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قەدەر سوزۇلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سەپسەتىگە ئىشارەت قىلىنغان.

سەددىچىن سېپىلى خىتايلار تارىختا ھونلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان بولۇپ، خەلقنىڭ ئېغىزىدا «قورقۇنچاقلىقنىڭ سىمۋولى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. خىتاينىڭ رەسمىي ماتېرىياللىرىدا ۋە دەرسلىكلىرىدە سەددىچىن سېپىلىنىڭ شەنخەيگۈەندىن گەنسۇغا قەدەر سوزۇلىدىغانلىقى يېزىلغان. ھالبۇكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، تۈرلۈك ئويدۇرمىلار بىلەن ئىشغالىيەت تارىخىنى قايتىدىن پەردازلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ جۈملىسىدىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسىم ئاتالمىش «تەتقىقاتچىلىرى» ماقالە ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىمىي تۇرا، قورغان ئىزلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا سەددىچىن سېپىلىغا باغلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئەزەلدىن خىتاينىڭ تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكى»دەك نومۇسسىز سەپسەتىلەرنى بازارغا سېلىشقا باشلىغان.

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى مەزكۇر مۇزېي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى «سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى» بولۇپ، خىتاينىڭ يۇقىرىقى يالغان-ياۋىداقلىرىنىڭ رەسمىيلەشتۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى بولماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 4654 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2023 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق