ئارگېنتىنا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇھىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى

ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا بولمايدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان بولۇپ، بۇ قارار يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پىرېزىدېنت ھاۋىيېر مىلېينىڭ تاشقى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتتە بۇرۇلۇش يارىتىشتىكى ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان، بىرازىلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن تەشكىل تاپقان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا بولمايدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان بولۇپ، بۇ قارار ھەققىدىكى مەكتەپ ئەزا دۆلەتلەرگە يوللانغان. ھاۋىيېر مىلېي ھازىر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا بولۇشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 8-ئايدا تاپقان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى گۇرۇھىنىڭ ئەزالىق تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، قوبۇل قىلغان تەقدىردە 2024-يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ ئەزا بولالايدىكەن. ئارگېنتىنانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى ئالبېرت فېرناندېز ئەزا بولۇش تەرەپدارى بولۇپ، بۇنى يېڭى بازارغا كىرىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت ھاۋىيېر مىلېي بولسا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇرۇنلا بۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1749 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2023 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق