خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەيۋەنگە تەھدىت سېلىپ: «تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى خىتاي ئارمىيەسى تولۇق ئىگىلەپ تۇرىدۇ» دەپ جار سالدى.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 28-دېكابىر قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا يىغىندا ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى خىتاي ئارمىيەسى تولۇق ئىگىلەپ تۇرىدۇ» دەپ جار سالغان.
بىر مۇخبىر باياناتچىسى ۋۇ چيەندىن: «تەيۋەن سايلىمى كېلەر يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. تەيۋەن مۇداپىئە ئورگانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەن ئارمىيەسى سايلام مەزگىلىدە يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ تاقابىل تۇرىدىكەن. چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىغان.
ۋۇ چيەن مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، تەيۋەن دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ھەربىي تەھدىتىنى قەستەن كۆپتۈرۈشىنىڭ سايلام مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلىك ئىكەنلىكىنى، تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي ئىگىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاي بۇرۇنقىدەكلا بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى»نى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جار سالغان.
تەيۋەندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر بىلەن، تەيۋەنگە قاراتقان بېسىم ۋە تەھدىتنى كۈچەيتمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ