شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 10-قېتىملىق شۇرا يىغىنى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 10-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 30-دېكابىر ئىستانبۇلدا باشلاندى.

ئىستانبۇلنىڭ بەيلىكدۈزۈ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىن 30-دېكابىر ئەتىگەن قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۆلىمالار بىر يەرگە يىغىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك توغرا يولغا يېتەكلەش ئىكەنلىكىنى، ئەنە شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۆلىمالار بىرلىكى مۇستەقىل تەشكىلات تەرىقىسىدە دەۋەت گۇرۇپپىسى، پەتىۋا گۇرۇپپىسى، تەلىم-تەربىيە گۇرۇپپىسى، بايانات گۇرۇپپىسى قاتارلىق بىر قانچە بۆلۈمگە بۆلۈنۈپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

 

يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى مەزكۇر بۆلۈملەرنىڭ 2023-يىلىدا قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۆلىمالارنىڭ رولى، ئۆلىمالار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار، مۇھاجىرەتتە نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن داۋاملىشىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5402 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2023 13:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق