ئىستانبۇلدا تۈركىي ۋە مۇسۇلمان تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى جەم بولدى

ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل 28-دېكابىر ئىستانبۇل ۋالىيلىق مەھكىمىسىدە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى خەلقلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى.

يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىي ۋە ئىسلامىي ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى لوقمانجان ھىرا بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى. 

يىغىندا نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋە تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئىككى ۋەكىل ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ۋالىيغا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4768 قېتىم كۆرۈلدى
29/12/2023 20:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق