خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ، ئامېرىكىدىن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن 28-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا خىتاي تەرەپنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلىگەنلىكى، خىتاي «نەنشا تاقىم ئاراللىرى» دەپ ئاتاپ كەلگەن دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ «ئامېرىكا-فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى» ئارقىلىق خىتايغا تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
باياناتچى ۋۇ چيەن يەنە ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ، مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىنىڭ خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 28-دېكابىر خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرى يېقىندا جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا قانۇنلۇق ھەرىكەت قىلىۋاتقان فىلىپپىن پاراخوتلىرىغا قارىتا بىخەتەر مەشغۇلات ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ھەربىي تەرەپنىڭ قويۇق ئالاقىنى ساقلايدىغانلىقىنى، «ئامېرىكا-فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى»دىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ۋەدىسىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ