ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىستىخبارات تورى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىنىڭ شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىچكى چەمبىرىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەشنى قىيىنلاشتۇرغان.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 28-دېكابىردىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەن قاتارلىق مۇھىم بىخەتەرلىك مەسىلىلەردىكى مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى قېزىپ چىقىشى تەسكە توختىغان.
ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ سابىق ۋە نۆۋەتتىكى كۆپلىگەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 10 يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاخبارات تورىنى سىستېمىلىق بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، خىتايدا تۇرۇپ ئامېرىكا تەرەپنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن يىگىرمىگە يېقىن ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىمى خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغان ياكى تۈرمىگە تاشلانغان. بۇلار ئىچىدە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ بار ئىكەن.
گەرچە ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى ئىستىخبارات خادىملىرىنى قايتا تەشكىللەپ داۋاملىق ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلدارلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ يېنىدىكى مەخپىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئۇنىڭ تەيۋەن قاتارلىق مۇھىم بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى يادرولۇق تەدبىر بەلگىلەش چەمبىرىكى دائىرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا چەكلىكلا ئېرىشكەن، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىر-بىرىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرىنى قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ