ئاۋسترالىيە خىتاي ئەپ دېتالى تىك توكنىڭ ئابۇنىتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشى ھەققىدىكى ئەيىبلەشكە قاراپ چىقىشقا باشلىدى.
ئاۋسترالىيە ABC رادىيوسىنىڭ 28-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە خىتاي ئەپ دېتالى تىك توكنىڭ ئابۇنىتلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە ئۇچۇر توپلاش ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق سۈرۈشتە قىلىش تولۇق تەكشۈرۈشنى باشلاش-باشلىماسلىقنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈش ئىز قوغلىغۇچى پىكسېل دەپ تونۇلغان قوراللارنى ئىشلىتىپ، سانلىق مەلۇمات توپلاشقا چېتىلىدىكەن. تىك توك ئابۇنىتلارنىڭ مەخپىيەتلىكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلغان بولۇپ، ئىز قوغلىغۇچى پىكسېللىرىنىڭ ئابۇنىتلار تەرىپىدىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئاۋسترالىيە باش تەپتىشى تىك توك دائىرىلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا تولۇق ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان.
ئاۋسترالىيە ئىلگىرى تىك توكنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىشى ۋە ئۇنىڭ خىتاي رېجىمى بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە بۇ دېتالنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ