تەيۋەن پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەنگە سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ جازانى يولغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندىكى سايلامنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەنگە قارشى ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، 27-دېكابىر: «تەيۋەندە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە تەيۋەن مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىدىكەن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە تېخىمۇ كۆپ سودا جازاسىنى يولغا قويىدۇ» دەپ تەھدىت سالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن كېلەر يىلى 13-يانۋار پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە قانۇن كېڭىشى ئەزاسى سايلىمى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، خىتاي تەيۋەننى خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىپ كەلگەن.
تەيۋەن تەرەپ بۇ ئايدا خىتاينى ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش ۋە سايلامغا ئارىلىشىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ تەيۋەنگە ئىمپورت قىلىنغان بىر قىسىم خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تاموژنا بېجىدا ئېتىبار بېرىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ئىكەن. خىتاي كوممۇنىست رېجىمى بۇ مەسىلىدە تەيۋەننىڭ 2010-يىلى ئىمزالانغان ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىگە (ECFA) خىلاپلىق قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي كومپارتىيەسى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى چېن بىنخۇا چارشەنبە كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيە دائىرىلىرى تەيۋەن مۇستەقىللىق مەيدانىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرماقتا» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ