خىتاي مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە «جەڭ ئېلان قىلدى»

خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە جەڭ ئېلان قىلدى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 27-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرى ۋە باشقا نىشانلارنى ئىز قوغلاش ئۈچۈن سۈنئىي ئىدراك پىروگراممىسى ياساپ چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ پىروگرامما قىزىقىدىغان كىشىلەرگە دەرھال ئارخىپ تۇرغۇزۇپ چىقالايدىغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ھەرىكەت ئەندىزىسىنى ئانالىز قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىكەن. بۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى خىتاينىڭ بۇ ساھەدە ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچكە ئايلىنىش قارا نىيىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىستىخبارات ئورگىنى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى كېڭەيتىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى نىشانلىغان ھەمدە تەربىيەلەش ۋە ئىلغار تېخنىكا ئۈچۈن تېخىمۇ زور خامچوت ئاجراتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) خىتايغا قارشى چىقىمىنى بىر قاتلاپ، خىتاي شىركەتلىرى ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1690 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2023 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق