خىتاي قاتتىق كونترول قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى 2024-يىللىق يېڭى يىل، خىتاينىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى قاتتىق كونترولغا ئالاقىدار توققۇز تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتقان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 27-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەكلىكى، يۇقۇمنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە خەۋپ-خەتەرنى باھالاشنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشنى كۈچەيتىش، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، ۋاكسىنا ئەملىتىشكە يېتەكلەش، ماسكا تاقاش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق شەخسىي مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا ئامانلىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادەم مۇداپىئەسى، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكىلىق مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش كېرەكلىكى، 24 سائەت مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە كادىرلار ئىش ئورنىدا يېتەكچىلىك قىلىش، سىرتقا چىقسا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ھەر يىلىنىڭ بېشى ۋە خىتاي بايراملىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاتالمىش ئاتالمىش «قاتتىق كونترول قىلىش»، «تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەندە باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ قېتىممۇ نۇقتىلىق رايونلارغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەنگەندىن باشقا، ئاتالمىش «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش» دېگەندەك مەزمۇنلارنى تەكىتلىگەنلىكىنى، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ يېڭى يىل ۋە خىتاي چاغىنى مەزگىلىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1483 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2023 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق