ئامېرىكا خىتاي ماللىرىدىن باج كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇزارتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي مېلىدىن باج كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتايمۇ بۇنىڭغا مۇناسىپ ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى 26-دېكابىر خىتاينىڭ 352 تۈرلۈك ئىمپورت ماللىرى ۋە خىتاي ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك 77 تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنىڭ 2024-يىلى 31-مايغىچە ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەسلىدە ئۇزارتىلغان باج كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى توشىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارغا قويۇلغان تاموژنا بېجى تىرامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ سودا شېرىكلىرى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ناتوغرا سودا قىلمىشلىرىغا قارىتىلغان.

تىرامپ ھۆكۈمىتى 1974-يىل يولغا قويۇلغان سودا قانۇنىنىڭ 301-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان خىتاي ماللىرى ھەققىدە «301 تەكشۈرۈش» قانۇنىنى يولغا قويغان. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىغان ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئامېرىكىنىڭ سەزگۈر تېخنىكىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى 2018- ۋە 2019-يىللىرى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان تەخمىنەن 370 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا جازا تاموژنا بېجى قويغان. قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان مەھسۇلاتلار سانائەت زاپچاسلىرى، ماشىنا زاپچاسلىرى، خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار، ۋېلىسىپىت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1279 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2023 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق