ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى جەم بولدى

26-دېكابىر شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، تۈركىيەدىكى 50 كە يېقىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولدى.

يىغىلىشقا تۈركىيەدە سىياسىي، ئىجتىمائىي، تەتقىقات، ئاخبارات، مەتبۇئات، تەلىم-تەربىيە ساھەلىرى بويىچە خىزمەت قىلىۋاتقان 50 كە يېقىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

ئۇستاز مۇھەممەد ئۆمەر قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن، يىغىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم سۆز قىلىپ، جەم بولغان تەشكىلاتلارنىڭ ئىسمىنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ ئۆتتى ۋە بىر قىسىم تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلەلمەي قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە يېقىنقى يىللار مابەينىدە كۆپلىگەن تەشكىلاتلار قۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدە ئوخشاش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، كۆپلىگەن بوشلۇقلارنىڭ تولۇقلانغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر ئىجابىي ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر قىسىم كەمچىللىك، كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مىللەتنى پىكىر، ئەقىدە جەھەتتە يېتەكلەش، تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش، خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان ساختا تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلىش جەھەتتىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىزمەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ھەرقايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر تەنگە ئوخشايدىغانلىقىنى، ھەربىرىنىڭ ئوخشىمىغان رول ئېلىپ، بىر-بىرىنىڭ بوشلۇقىنى تولۇقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۆزئارا ھەمكارلىق، بىرلىكنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت مەسئۇلى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى سۆز قىلىپ، تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم يىرىكچىلىك ۋە ئىختىلاپلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسى ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلار ئارىسىنى تۈزەش، ياخشىلاش ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىجاندىل خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىملىق يىغىلىشنىڭمۇ ئەنە شۇ تىرىشچانلىقلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلغان تەشكىلات مەسئۇللىرىمۇ سۆز قىلىپ، بىر قىسىم تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىلىش ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىمنىڭ باشچىلىقىدىكى دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

بۇ خەۋەر 4707 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2023 19:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق