خىتاي ئامېرىكىدىن ئۆچ ئالغانلىقى ھەققىدە جار سالدى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى يولغا قويغان جازاسىدىن ئۆچ ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ بىر ئورگىنى ۋە ئىككى شەخسنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي يەر شارى تورىنىڭ 26-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئىككى خىتاي ئەمەلدارى ۋە ئۈچ خىتاي كارخانىسىنى جازالىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى ھەققىدە جار سالغان.

باياناتچى ماۋ نىڭ مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكا تەرەپ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا چېتىشلىق بايان ئويدۇرۇپ تارقاتتى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ خىتاي تەرەپ ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانىلىرىنى جازالاپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر ئارىلاشتى. خىتاينىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاپ، خىتاينىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى» دەپ بىلجىرلىغان.

ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا چېتىشلىق سەزگۈر ئۇچۇرلارنى توپلىغان، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چېتىشلىق جازاسىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن ئامېرىكا ئىستىخبارات ئۇچۇرى شىركىتى كارونغا، كارون شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش مۇدىرى شۈ مېڭ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ئالىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى نىكول موگېرېت قاتارلىق ئىككى كىشىگە قارشى تەدبىر قوللىنىپ، يۇقىرىقى ئىككى كىشىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا يۇقىرىقى شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ خىتاي تەۋەلىكىدىكى مۇقىم مۈلۈك، كۆچمە مۈلۈك ۋە باشقا تۈرلۈك مال-مۈلكىنى توڭلاتقانلىقىنى، خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك سودا، ھەمكارلىق قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىلغان ئۈچ خىتاي شىركىتىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇھىم رو ئوينىغان ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1489 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2023 17:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق