ياپونىيەنىڭ زور پىلانى خىتاينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

ياپونىيەنىڭ زور خىراجەت ئاساسىدا تۈزۈلگەن ھەربىي تەييارلىق پىلانى خىتاينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 26-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ ھەربىي خىراجەتنى ئاشۇرۇشى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرىنىڭ كۈچەيتىشى خىتايغا خىرىس شەكىللەندۈرگەن. توكيو تەيۋەن بوغۇزىدىكى توقۇنۇشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە خىتاي نىشانلىرىغا زەربە بېرەلەيدىغان يىراق مۇساپىلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالدىن زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەربىي خىراجەتنىڭ %16 ئاشۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھازىرغا قەدەر ياپونىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىگە بىر قەدەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيەنى قوشنىسىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. خىتاي مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، خىتاي يېقىنقى مەزگىلدە ياپونىيە ۋە باشقا رايونلۇق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى بۇزۇشنى خالىمايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1378 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2023 17:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق