خىتاي رېجىمى 1876-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، يۈز مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلغان، باشقا ئەللەرگە سەرگەردان بولۇشىغا سەۋەب بولغان، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان قانخور زو زۇڭتاڭنى ئاتالمىش «قۇتقۇزغۇچى قوماندان» دەپ سۈپەتلەپ، كۈچلۈك تەشۋىق قىلماقتا.
خىتاي رېجىمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، ئىشغالىيەت تارىخىنى ئاقلاش، بۇرمىلاشقا زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 9-ئايدا ئاتالمىش «زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشى» دېگەن دەرس ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەنىدى. شۇنداقلا خىتاي ئالدىنقى ئايدا قومۇلدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش «زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى» يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنىدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى قومۇل شەھىرىدىكى ئاتالمىش «زو زۇڭتاڭ تىككەن سۆگەتلەر» ئۈچۈن مەخسۇس قوغداش تۈر مەبلىغى ئاجراتقان. بۇنىڭغا ئاساسەن، خىتاي رېجىمى كېلەر يىلى ئەتىيازدا قاشا ئورنىتىپ، نام تاختىسى يېڭىلاپ، ھەربىر تۈپ ئاتالمىش «زو زۇڭتاڭ تىككەن سۆگەت»كە رەقەملىك ئارخىپ تۇرغۇزۇپ چىقىدىكەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىدىمۇ خىتاي ئىچىدە زو زۇڭتاڭ قىزغىنلىقى قوزغالغانلىقى، زو زۇڭتاڭ بولمىغان بولسا، خىتاينىڭ 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، زو زۇڭتاڭ ئاتالمىش «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغان قەھرىمان» قىلىپ تەشۋىق قىلىنغان.
مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى تۇڭگانلارنىـڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ نامى چىققان ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ قومانـدانى زوزۇڭتاڭنى 1876-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتكەن. زوزۇڭتاڭ ئـۆز ۋاقتىدىكى زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغاندىن باشقا، چەت ئەل ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەربىي ياردىمى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستان چېگراسىغا بېسىپ كىرگەن. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقى تاجاۋۇزچى مانجۇ قوشۇنلىرىغا قارشى جان پىدالىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، قانخور زوزۇڭتاڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان ۋە نەچچە يۈز مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ